The Noble Qur'an Encyclopedia
Towards providing reliable exegeses and translations of the meanings of the Noble Qur'an in the world languagesThe Traducer [Al-Humaza] - Uyghur translation - Muhammad Saleh
Surah The Traducer [Al-Humaza] Ayah 9 Location Maccah Number 104
(كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي!(1).
ئۇ مال توپلىدى ۋە ئۇنى (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلماي ساقلاش ئۈچۈن) سانىدى(2).
ئۇ مېلى ئۆزىنى (دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ)(3).
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ(4).
ھۇتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(5)
ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ(6ـ7).
ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ(6ـ7).
ئۇلار چوقۇم دوزاخقا سولىنىدۇ(8).
ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلىنىدۇ(9).