عربيEnglish

The Noble Qur'an Encyclopedia

Towards providing reliable exegeses and translations of the meanings of the Noble Qur'an in the world languages

The Disbelievers [Al-Kafiroon] - Uyghur translation - Muhammad Saleh

Surah The Disbelievers [Al-Kafiroon] Ayah 6 Location Maccah Number 109

(ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار!(1)

سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن(2).

سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر(3).

سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق(4).

سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق(5).

سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن»(6).