The Noble Qur'an Encyclopedia
Towards providing reliable exegeses and translations of the meanings of the Noble Qur'an in the world languagesThe morning hours [Ad-Dhuha] - Uyghur translation - Muhammad Saleh
Surah The morning hours [Ad-Dhuha] Ayah 11 Location Maccah Number 93
چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى(1)،
قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى(2)،
(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق(3).
ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر(4)،
پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن(5).
ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟(6)
قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟(7)
سېنى يوقسۇز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟(8)
يېتىمنى خارلىما(9).
سائىلغا قوپاللىق قىلما(10).
پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ)(11).