The Noble Qur'an Encyclopedia
Towards providing reliable exegeses and translations of the meanings of the Noble Qur'an in the world languagesThe Power [Al-Qadr] - Uyghur translation - Muhammad Saleh
Surah The Power [Al-Qadr] Ayah 5 Location Maccah Number 97
بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق(1).
شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟(2)
شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر(3).
پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا) چۈشىدۇ(4).
شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر(5).